Shahdiyar Soft Computer Technology

شاھدىيار ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە يېزىق تاختىسى سىستېمىسى

ئىشلىتىش قوللانمىسى

   تور بەت ياساش گۇرۇپپىمىز تۈزۈپ چىققان ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزۈش تاختىسىنى ئىشلىتىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

   مەزكۇر يېزىق كىرگۈزۈش تاختىسى سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، ئېنگلىزچە ۋە خەنزۇچە يېزىق كىرگۈزگىلى بولىدۇ. تۆۋەندە يېزىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرىمىز.

   1. ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى:

   سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا خالىغان بىر خىل ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسى قاچىلاقلىق بولسىلا سىز ھەرۋاقىت بۇ يېزىق تاختىسىغا بىمالال ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيسىز. ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز ۋەزىپە سىتونىدىن خالىغان بىر خىل يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچە يېزىق تۈرىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن يېزىق تاختىسىدىن خەت نۇسخىسىنى alpida unicode system غا تالايسىز، ئاندىن English دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ Arabic قا ئالماشتۇرىسىز. ئەمدى سىز ئۇيغۇرچە خەت يازسىڭىز نورمال چىقىدۇ.

 

   2. ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى:

   سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىلىرى بولمىسىمۇ بۇ يېزىق تاختىسى ئارقىلىق خالىغان چاغدا بىمالال ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزەلەيسىز. ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز ۋەزىپە سىتونىدىن يېزىقنى ( 中文 ( 中国 غا تاللاپ قويۇپ يېزىق تاختىسىدىن خەت نۇسخىسىنى Arabic نى تاللاپ قويۇپلا ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزسىڭىز نورمال بولىدۇ.

 

   3. ئېنگلىزچە يېزىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى:

   بۇ يېزىق تاختىسى سىستېمىسىدا ئېنگلىزچە يېزىق كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز ۋەزىپە سىتونىدىن يېزىقنى ( 中文 ( 中国 غا تاللاپ قويۇپ يېزىق تاختىسىدىن خەت نۇسخىسىنى خالىغان بىرىگە تاللاپ قويساق بولىدۇ، ئاندىن English دېگەن كۇنۇپكىنى بىرنى بېسىپ Arabic قا ئالماشتۇرۇپ قويۇپ يازساق ئېنگلىزچە بىمالال يېزىق كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.

 

   4. خەنزۇچە يېزىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى:

   بۇ يېزىق تاختىسى سىستېمىسىدا خەنزۇچە يېزىق كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز ۋەزىپە سىتونىدىن خالىغان بىر خەنزۇچە يېزىقى تاللاپ قويۇپ يېزىق تاختىسىدىن خەت نۇسخىسىنى خالىغان بىرىگە تاللاپ قويۇپ يازساق بىمالال خەنزۇچە يېزىق كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.

 

   ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە كۇنۇپكا تاختىسى كۆرسەتمىسىنى تۆۋەندىكى ئادېرىستىن كۆرۈۋالغايسىز:

   كۆرىمەن

 

 

شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى

بەت لايىھەلىگۈچى: ئالىمجان ئوسمان (شاھدىيارى)

 E-mail:Shahdiyar@Yahoo.com  QQ:317018523

http://www.shahdiyar.com